شىزاڭنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلدى، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، 558 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى

2026.08.27 14:34 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ شىزاڭ رىكازى شەھىرىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، رىكازى شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت ۋە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، 558 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ