
گېزىتىمىزنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر جياڭ جيې) سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ تەكلىپى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى. خې لىفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاش «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئومۇمىي تەلەپ. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىققەتنى «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت سىستېمىلىق پىلان ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ئېچىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2026-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە ئىزاھات بەردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ