14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يىغىندا داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنى لايىھەسى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى

جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

2026.08.27 14:22 مەنبە: خەلق تورى

 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 149 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن بەرگەن داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدىكى قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە «ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دېگەن مەزمۇن قوشۇلۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تولۇقلاندى، باشقا جايدا داۋالىنىش تېببىي دورا ھەققىنى راسچوت قىلىش تەلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى، ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلىمىسى قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۇنيىڭ بەرگەن تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى؛ دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى يەرنى پىرىنسىپ جەھەتتە تولۇقلىما تېرىلغۇ يەر مەنبەسى قىلماسلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ قۇملاشقان، شامال يالىغان، سۇ يالىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى؛ قارا تۇپراقنى قوغداش سالمىقى زورايتىلدى قاتارلىقلار.

يىغىندا شىن چۇنيىڭ بەرگەن يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىق مەزمۇنى بېيىتىلدى، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش كۈچەيتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى قاتارلىق قانۇنلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش يەنىمۇ ياخشى ئىشلەندى قاتارلىقلار.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لو يۈەن بەرگەن دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ئۇقۇمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، ئىشلىتىش ھەم بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى؛ ساختا دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش قىلمىشلىرىغا قارىتا چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە چىقىرىلدى قاتارلىقلار.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يۈەن شۇخۇڭ بەرگەن ئادۋوكاتلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەدە ئاساسىي قانۇننى قانۇن چىقىرىش ئاساسى قىلىش؛ چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتىگە دائىر ماددىلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇن ياردىمى قانۇنى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ خۇڭشياڭ بەرگەن كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا چاتما شەخسىي قەرزدارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئالاقىدار تۈزۈملەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەقدار، قەرزدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدالدى؛ ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئىجرا تەرتىپىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ۋەيران بولۇشنى باشقۇرغۇچىنىڭ دائىرىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ قايتا تەرتىپكە سېلىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قايتا تەرتىپكە سېلىپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تۆلەش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەڭشەلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى قاتارلىقلار.

يىغىندا يۈەن شۇخۇڭ بەرگەن بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە «پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش» دېگەن مەزمۇن كۆپەيتىلدى؛ بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قارىتا تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى؛ بانكا كەسپى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى ۋە خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئىجازەتنامىسى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى؛ نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، بانكا كەسپى ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ «خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش» دېگەن بىر باب ئايرىم تەسىس قىلىنىپ، خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى كۈچەيتىلدى قاتارلىقلار.

يىغىندا، سۇڭ بىن بەرگەن سۇ قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، ئېچىپ پايدىلىنىش ئومۇمىي تەلىپى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ ئاپىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش، دۆلەت سۇ مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت سۇ تورى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تولۇقلاندى؛ سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تولۇقلاندى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ۋە سۇ بايلىقىدىن ئايلانما پايدىلىنىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى قاتارلىقلار.

يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداش، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خې رۇڭ ئىزاھات بەردى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى چېگرا ھالقىغان چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىنگو ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇا چۇنيىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چاڭلىن بۇ يىلدىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، قۇۋۋەت يېڭىلىنىشقا، قۇرۇلما ئەلالىشىشقا تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا، ئالغا سىلجىتىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ كۈچەپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوزغىتىپ ۋە قويۇپ بېرىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنى پۇختا، تەرتىپلىك تۈگىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن زېچاڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ، دەل جايىدا كۈچەيتىلدى، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە مالىيەنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى. دوكلاتتا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ خامچوت قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش؛ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىش؛ مالىيە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئوچۇق شەكىلدىكى مالىيەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت كېيىنكى قەدەمدىكى مالىيەگە دائىر نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، لىن زېچاڭ 2025-يىللىق ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ خۇڭسەي بەرگەن 2025-يىللىق ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋال توغرىسىدىكى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۈن يېلى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا ئالاقىدار خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر كۆرسىتىپ بېرىلدى، كېيىنكى قەدەمدە تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەردان مۇقىيىت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا ئالاقىدار خىزمەت نەتىجىلىرى ھەمدە ھازىر دائىملىق ياردەم قىلىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار تونۇشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى قەدەمدە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش؛ كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا، يار-يۆلەك تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ كەسىپلەر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش-يۆلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاش؛ تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام ۋە تۈر بويىچە ياردەم قىلىپ-يۆلەپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش؛ «مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن بەزى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھە قاراپ چىقىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى قىسمەن ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ