دەرھال ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ! كۆپ خىل ئەپلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2026.08.26 14:10 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى App، SDK (3-تەرەپ يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال بوغچىسى)دىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەشنى قانات يايدۇرغان. يېقىندا، 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش ئارقىلىق، جەمئىي 26 خىل App ۋە SDK دا ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىغان.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان App ۋە SDK ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىسا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ