
8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، G3033 كۇيتۈن-مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كۈنەس چوڭ كۆۋرۈكى ئاساسىي كۆۋرۈكىنىڭ تۇنجى تۈۋرۈك ئۇلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشيول ساھەسىدىكى ھالقىش دىيامېتىرى ئەڭ چوڭ، مۇنار ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، تيەنجۇڭ تۇرۇشلۇق جاي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى سۇڭ ۋېنجېڭ مۇنداق دېدى: كۇيتۈن-مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يولدا يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كۆپىيىدۇ، كۇيتۈندىن كۇچاغىچە پۈتۈن يىللىق توسالغۇسىز قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، قاتناش ۋاقتىنىڭ تۆت سائەتكە قىسقىرىشىدىن ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ