كورېيەدە يوقاپ كەتكەن بىر جۇڭگو پۇقراسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى دەپ بېكىتىلدى، جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى

2026.08.26 14:08 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ پۇساندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى: كورېيە ساقچى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دەلىللەش ئارقىلىق، يوقاپ كەتكىنىگە بىرنەچچە كۈن بولغان جۇڭگولۇق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى شۇ كۈنى بايقالدى، ساقچى تەرەپ 30 نەچچە ياشلىق بىر ئەرنى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى.

باش كونسۇلخانا كورېيە ساقچىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى. باش كونسۇلخانا ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كونسۇل ياردىمى بېرىدۇ.

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ جۇڭگولۇق قىز ئوقۇغۇچى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە داچيۇغا بارغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. كورېيە ساقچىلىرى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭشاڭ بېيداۋ چىڭشەن شەھىرىدە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان ھەمدە ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بۇ قىز ئوقۇغۇچىنى بايقىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ