گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى "بېيجىڭدا توڭلاتقۇ يوق" دېگەن سۆزگە ئىنكاس قايتۇردى

2026.08.26 14:08 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بەزىلەرنىڭ تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىسىدا "بېيجىڭدا توڭلاتقۇ يوق" دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا، باياناتچى جاڭ خەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بۇنداق سۆزلەر پەقەت كۈلكىگە قالىدۇ. مىنجىنداڭ دائىرىلىرى ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى، ئۇنى چەكلىدى، ئارال ئىچىدە قەستەن "ئۇچۇر غوزىكى" پەيدا قىلىپ، تەيۋەن خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى چۈشىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ نىيىتى رەزىل. بىز تەيۋەن خەلق ئاممىسىنىڭ توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەقىقىي، سۆيۈملۈك چوڭ قۇرۇقلۇقنى چۈشىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ