
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، جەزمەن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر مەزگىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر، تەخىرسىز مەسىلىلەرگە قارىتا، پۈتۈن پارتىيەدە ئۆگىنىش - تەربىيەسى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ تۈزۈم - قائىدىلەرنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، پۇختا ئىستىل ئارقىلىق ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلار، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلىلەرنى دائىملىق تەكشۈرۈش، تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت تۈزىتىشكە تېگىشلىك بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ قويۇۋەتمەي، ئىزلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق بويىچە تۈزىتىش - تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاپ، قاراتمىلىقى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈزىتىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش قوماندانلىق تايىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار بىلەن قەرەللىك سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم تۈزىتىش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خۇلاسىلەندى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا، ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى ۋە نەتىجىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پۈتۈن پارتىيە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش گەۋدىلىك بولغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى ئىدىيىۋى - سىياسىي ئاساس سېلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاددىي - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەجرىبىلەر بېيىتىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش مەسىلىسىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈندىلىك باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، يۈزبېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈشنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە «قايتا تەكشۈرۈش»نى ياخشى تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتلاممۇقاتلام تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، مۇ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ