

8-ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا − 2 بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا − 2 بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئابدۇللا – 2 ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا − 2 بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ كەلدى، بۇ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. 2015 - يىلى، بىز جۇڭگو - ئىيوردانىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، تېخىمۇ ماھىيەتلىك مەزمۇنغا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو - ئىيوردانىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئىيوردانىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىيوردانىيەنىڭ رايوندىكى ئۆزگىچە ۋە مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىيوردانىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىيوردانىيە تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو - ئىيوردانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قاتناش، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىيوردانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئابدۇللا − 2 مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئىيوردانىيە بىلەن جۇڭگو كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىيوردانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ تەركىبىي قىسمى، دەپ قارايدۇ. ئىيوردانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد - سودا، ياسىمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - دورىگەرلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىيوردانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىيوردانىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسقا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ جەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇش، تالاش - تارتىشلارنى سىياسىي دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئىيوردانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، جەزمەن سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دىن ئىبارەت بۇ توغرا يۆنىلىشنى نىشانلاپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىننىڭ بالدۇرراق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، جەزمەن «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەر ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پەلەستىن بارلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ماكانى، «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىدارە قىلىش ۋە غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، جەزمەن ئىنسانپەرۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەتنى توسۇشى كېرەك؛ تۆتىنچى، جەزمەن ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنچىللىقنى ئاساس، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى نىشان، ئەمەلىي ھەرىكەتنى يول قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئابدۇللا − 2 مۇنداق بىلدۈردى: ئىيوردانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىدا ئىزچىل ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەققانىي مەيدانى رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئىيوردانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە ھازىرقى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تىنچلىق ۋە گۈللىنىشتىن خاتىرجەم بەھرىمەن قىلىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىيوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقىنىڭ جۇڭگو - ئىيوردانىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئابدۇللا − 2 ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئابدۇللا − 2 يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئابدۇللا − 2 شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئابدۇللا − 2 ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ