يولداش مەمتىمىن زاكىر ۋاپات بولدى

2026.08.25 14:31 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش مەمتىمىن زاكىر كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2026-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 19 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە 82 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش مەمتىمىن زاكىر 1943-يىل 9-ئايدا شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1961-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1966-يىل 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۇچا ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىزمەت قىلغان، 1998-يىل 1-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2003-يىل 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 2009-يىل 6-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

يولداش مەمتىمىن زاكىر پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم. ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا-سەھىيە ۋە دورا ئوبوروتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، "ئىككىنى تىكلەش"نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، "ئىككىنى قوغداش"نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ