
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى جۇڭگو غەربىي يۇرت تەتقىقات مەركىزى، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2026-يىللىق "زو زۇڭتاڭ ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ رۇيجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ۋاڭ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايون تارىخى ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار كۆپ پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، زو زۇڭتاڭ قاتارلىق نۇرغۇن غايىلىك ۋە ئىرادىلىك زاتلارنىڭ مىللەت غۇرۇرىنى چىڭ ساقلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زو زۇڭتاڭ ۋە شىنجاڭ تارىخى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەسىرلىك، جانلىق مەدەنىيەت بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئالدىن ئىگىلىگەندە، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەت تومۇرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرغاندا، چېگرا رايون ئەبەدىي ئەمىن بولىدۇ. مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كەڭ-كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زو زۇڭتاڭ روھىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قىممىتىنى رەتلەپ چىقىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەسپىي ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ