ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ∣«مەنزىرە يولى»«بېيىش يولى»غا ئايلاندى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ خېبېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكى

2026.08.25 14:46 مەنبە: خەلق تورى

باش كۈزدىن كېيىن، توسمىدا مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئەگرى-بۈگرى كەتكەن يايلاقتىكى ساما يولىدا ئاپتوموبىللىق ماڭغاندا، چاقپەلەك، پەلەمپەي ئېتىز، چەكسىز ئورمانلىق نۆۋەتلىشىپ نامايان بولاتتى. خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ جاڭبېي بۆلىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 323.9 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ مەنزىرە كارىدورىنىڭ 149.5 كىلومېتىرنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش يولى» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشتى.

يايلاقتىكى ساما يولىنىڭ مەنزىرىسى. خەلق تورى زو يۈەنمىڭ فوتوسى

بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ تەنتەربىيە-مەدەنىيەت-ساياھەت بەلبېغىدىكى «ئالتۇن كارىدور» بولۇش سۈپىتى بىلەن، يايلاقتىكى ساما يولىدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەسىرى تېز قويۇپ بېرىلمەكتە. جاڭبېي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لو يىڭزۇڭ مۇنداق دېدى:«قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شەھىرى جاڭجياكوۋنىڭ تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، يايلاق مەدەنىيىتى، تارىخىي يادىكارلىقلار بۇ يەردە گىرەلەشتى، يېخۇلىڭ ھەقىقىي مەنزىرىلىك چەۋەندازلىق تىياتىرخانا-مەيدانلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، جۇڭدۇ يايلىقى چۆكمە شەكىلدىكى كېچىلىك ساياھەت قىلىپ قونىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، لىنىيە بويىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ سانى تارقاق نەچچىدىن تەرەققىي قىلىپ نەچچە يۈز گە يەتتى.»

يېخۇلىڭ ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدىكى ئېگىز بوشلۇق مەنزىرە ئەينەك ئاسما كۆۋرۈكى. خەلق تورى زو يۈەنمىڭ فوتوسى

يايلاقتىكى ساما يولىنىڭ مەنزىرىسى. ليەن چۈنفېي فوتوسى

يول قەيەرگىچە تۇتاشتۇرۇلسا، ئۆزگىرىش شۇ يەرگىچە ئۇزارتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، يايلاقتىكى ساما يولىنىڭ جاڭبېي بۆلىكىدە 51 تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى قۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر يەتتە يېزا-بازار، 128 كەنتكە باشلانغان بولۇپ، 100 مىڭغا يېقىن ئامما بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي يايلاق ساما يولى، جۇڭدۇ يايلىقى، يايلاق مۇزىكا بايرىمىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت-ساياھەت IP سىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ئىلگىرىكى «يايلاقتا بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش»تەك تېيىز قاتلام سەيلە-ساياھەت ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «تەتقىقات-ئۆگىنىش، سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەنزىرە ئىستىراھىتى، ئويۇن قويۇش، مەپتۇن قىلىش، مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك ھېس قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.

جاڭبېي يايلىقى ساما يولى يېخۇلىڭ ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ. جاڭبېي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى فوتوسى

جاڭبېي يايلىقى ساما يولى يېخۇلىڭ ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ. خەلق تورى زو يۈەنمىڭ فوتوسى

يايلاقتىكى ساما يولى توسمىدىكى تاغ-دەريالار بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى قاينام-تاشقىنلىقنى تۇتاشتۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى لىنىيە بويىدىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان پۇقرانىڭ بېيىش ئارزۇسىنى تۇتاشتۇردى. ئاپتوموبىل چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى ئېلىپ كەلدى، يايلاق تۇرمۇش تېخىمۇ يىراق جايلارغا كېڭەيدى. (خې جىڭرۇ، فېڭ ياتاۋ، رېن يەن، فۇ جاۋسا، جاۋ مىڭيەن، زو يۈەنمىڭ، يۈ شۆچىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ