ئاق قان كېسىلى ئەمدى ساقايماس كېسەل ئەمەس

2026.08.25 14:32 مەنبە: خەلق تورى

ئۇزاقتىن بۇيان، ئاق قان كېسىلى "ساقايماس كېسەل" دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ شياۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: نىشانلىق داۋالاش، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئىلغار تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاق قان كېسىلى ئەمدى "ساقايماس كېسەل" بولماي، كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ كېسىلى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىدىغان بولدى.

جاڭ شياۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كەسپىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىنى باشقۇرۇش سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە يۈزلەندى. ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، كېسەللىك جەريانى ئۇزاق، ئازابى ئېغىر ئىدى، تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، نىشانلىق داۋالاش دورىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى سوزۇلما دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار ساقىيىپ، جەمئىيەت ۋە خىزمەت ئورنىغا قايتالايدىغان بولدى. جىددىي خاراكتېرلىك گۆدەك دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگولۇقلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ سالامەتلىكى تامامەن ئەسلىگە كېلىپ، نورمال كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە يەتتى.

جاڭ شياۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: "بىز كۆپچىلىككە شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتىمىزكى، ئاق قان كېسىلى ئەمدى 'ساقايماس كېسەل' ئەمەس، كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ كېسىلى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىدۇ." نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، داۋالاش قىيىن بولغان ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىغا يولۇققاندا، دوختۇرلار تۆۋەندىكى داۋالاش ۋاسىتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللانسا بولىدۇ: دەل جايىدا خىمىيەلىك داۋالاش، CAR-T ۋەكىللىكىدىكى ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش، نىشانلىق دورا بىلەن داۋالاش ھەمدە ئاخىرقى ۋاسىتە قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ۋە ئۇ ئارقىلىق داۋالاش نەتىجىسىدە، كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ