شىجياجۇاڭ: سەككىز ھايۋانات دورىلىرى دۇكىنى ھايۋانات دورىلىرىنى رېتسېپسىز ساتقانلىقى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى

2026.08.25 14:31 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، تاراتقۇلار شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ چاڭئەن رايونى، پىڭشەن ناھىيەسىدە ھايۋانات دورىلىرىنى رېتسېپسىز سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شىجياجۇاڭ شەھىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىكى-يېزا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق ھايۋانات دورىلىرى دۇكانلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سەككىز ھايۋانات دورىلىرى دۇكىنىدا ھايۋانات دورىلىرىنى رېتسېپسىز سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ساقلانغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى يۇقىرىقى دۇكانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، شىجياجۇاڭ شەھىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھايۋانات دورىلىرىنى رېتسېپسىز سېتىش، سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ