
سۇ ئۈزۈش ھەم سالقىنلىقتىن ھۇزۇرلانغىلى، ھەم بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ، جايلاردا سۇ ئۈزۈش كۇرسلىرى بەس-بەستە ئېچىلىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلار قانداق تاللاش كېرەك؟ كىچىك دوستلار سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ مۇخبىر مۇتەخەسسىسلەر، نوپۇزلۇق تىرېنېرلار ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرىنى ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى.
جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە سۇ ئۈزۈش مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى جاڭ خەيچياڭنىڭ 20 نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بار، ئۇنىڭ قارىشىچە، بالىلار مۇۋاپىق ياش باسقۇچىدا سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى ئىگىلىسە، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەنھەرىكەت تالانتى گەۋدىلىك بالىلار يەنە ماھىر تاللاش ئارقىلىق كەسپىي پەلەمپەيسىمان كوماندىغا كىرەلەيدىكەن.
"كەسپىي سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرىنى تاللاشتا ئادەتتە بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا سۇ سېزىمى ئاساسىي مەشقى ئېلىپ بېرىلىپ، تەنھەرىكەت تالانتىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، قىزىقىشنى نىشان قىلىدۇ، بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۇرسقا مەجبۇرىي تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق." جاڭ خەيچياڭ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: تۆت ياشتىن بۇرۇن ئۆلچەملىك سۇ ئۈزۈش قىياپىتى ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ