
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى جىن جىجېننىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىن جىجېننى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارى چىقارغان ھەمدە خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىنى بېكىتكەن. يېقىندا، يۆياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۆياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇنغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ