
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خۇنەن چاڭشاغا جايلاشقان جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمە سارىيى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
بۇ كۆرگەزمە سارىيى مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ "جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى"نىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، مەملىكەت بويىچە خەنيۈ شېۋىسى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە تىل مەدەنىيىتى بولۇپ، جەمئىي 1800دىن ئارتۇق نۇقتىدا زور مىقداردىكى تىل ماتېرىيالىنى توپلاپ، "تىل ئەزىم دەرياسى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ" دېگەن باش تېمىدا مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىنى بەرپا قىلىپ، تىل قوغداش قۇرۇلۇشى 2015-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلغان ، بۇ، تىل قوغداش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنىڭ "سانلىق مەلۇمات ئامبىرى"دىن "جانلىق كۆرگەزمە"گە ھالقىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ