
مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مالىيە مىنىستىرلىقى خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، "ياشانغانلار، بالىلار"غا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا رايونلىرىدىكى 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ياشانغانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملىتىشىنى قوللىغان. 25 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاق ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 2026-يىللىق بالا بېقىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەن، يەسلىدىكى تەخمىنەن 24 مىليون بالا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىر يىللىق بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، مالىيە مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارغا 160 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى چۈشۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن يىلدا 150 مىليون ئادەم قېتىم نەپكە ئېرىشىش مۆلچەرلەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ