
ئاممىۋى پىكىر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرى كاڭباۋ ناھىيەسىدىكى "بەسەي سېتىۋېلىش ھالقىسىدا فورمالدېھىد ئېرىتمىسىگە چىلاش" مەسىلىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا بىرىنچى ۋاقىتتا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق بەسەينىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە بار مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنى بۇ ئىشتىن ئىبرەت ئېلىپ، بەسەي قاتارلىق ئاسان چىرىيدىغان كۆكتاتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە بازارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى دەرھال قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار بايقالغان ھامان قاتتىق جازالاپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماي، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ