«ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.08.24 15:29 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى دەي لىنفېڭ، ليۇ يۈرۇي

ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش ― پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:«پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.»

«ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش» پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشى بولسا، كادىرلار قوشۇنىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولىدۇ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدۇ، جەمئىيەت كەيپىياتى پائال يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، ئاكتىپ كۈچكە تولىدۇ.»

تەبىئىي ئېكولوگىيە ساپ بولۇپلا قالماي، سىياسىي ئېكولوگىيەمۇ ساپ بولۇشى كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پاك-دۇرۇس بولۇشنىڭ يېڭى ئىستىلى، توغرا كەيپىياتىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ توپلاش كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، دادىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىما مەنبەسىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

بۇ يىل 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى:«چىرىكلىك سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغايدۇ، تەرەققىيات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئۇنى قاتتىق جازالاش شەرت.»

«بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش-قىلالماسلىققا باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك. خەلق ئاممىسى چىرىكلىك ھادىسىلىرىدىن ئەڭ نەپرەتلەنگەن ئىكەن، بىز جەزمەن چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇشىمىز شەرت.»

نەچچە مىڭ كىشى رەنجىتىلسە مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، دادىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئىرادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قاراتقان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. «يولۋاسنى دۇمبالاش»، «چىۋىننى پالاقلاش»، «تۈلكىنى ئوۋلاش» ئارقىلىق، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇدا 154 ئاي مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر جەملەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، بۇلتۇر 260 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى توختىماي ياڭرىتىلىپ، پارتىيەمىز ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتتى. بۇ يىل باھار بايرىمىنىڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:«پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتى سىجىل ياخشىلاندى.»

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىلدى.

«سۇغىرىش ئاسان، ساپلاشتۇرۇش تەس.» سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئوخشاش بىردەمدىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ماس، ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

باش شۇجى پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلار ئالاقىلىشىش پىرىنسىپى ۋە يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاپ، سەمىمىي مۇنداق دېدى:«ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە-يوسۇنلۇق يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋىتى، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، بەرپا قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.»

ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىش بەلگىسى بولۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى:«ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتىنىڭ ساپ كەيپىياتى ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ مۇھىتى ساپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»

باش شۇجى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش، سىياسىي ئېكولوگىيە، سىياسىي مەدەنىيەت بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سىياسىي مەدەنىيەت سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جېنى بولۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەگە قارىتا ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ھەم ئورگانىزمدىكى زەھەرنى تازىلاش، ھەم مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاش كېرەك، باش شۇجى قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن مۇنداق دېدى:«بايراق روشەن ھالدا مۇناسىۋەتشۇناسلىق، قاراڭغۇلۇقنى ياقلاش ئىلمى، ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى نەيرەڭ، ‹يوشۇرۇن قائىدە› قاتارلىق چاكىنا، چىرىك سىياسىي مەدەنىيەتنى توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە تۇپرىقىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش كېرەك.»

باش شۇجى سىياسىي ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىنى ئىگىلەپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاھىل كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلق رايى، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.»

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە ئۈزلۈكسىز شەكىللىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

ھەممە ئادەم مۇھىت، شۇنداقلا ئېكولوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

«بىر جايدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراشتا، بىر مۇھىم تەرەپ سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىگە قاراشتۇر.» بۇلتۇر 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تاپىلىدى:«ئۆزىمىزنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ساپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.»

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ماھىيەت بىلەن ھادىسە مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، "ئاڭلىق ھالدا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇش» توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

خەلقنىڭ مەيدانىدا مەھكەم تۇرۇش ھەم ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپى، ھەم توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ قىممەت مەنبەسى.

ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە. ھەر ۋاقىت سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، قەتئىي بوشاشماي، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ "تاغلىرى دائىم يېشىل تۇرىدۇ، زۇمرەتتەك سۇلىرى توختاۋسىز ئاقىدۇ".

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ