شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ خېچىلىمانىڭ زامبىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026.08.21 13:59 مەنبە: خەلق تورى

8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاكەيئىند خېچىلىماغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇردى. مەن جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خېچىلىما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ زامبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ