
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو، ئامېرىكا، ۋېنگىرىيە، ياپونىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەت ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك زىيانغا ئۇچراش يۈزلىنىشىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى بايقىغان. 2021-يىل 7-ئايدىن 2023-يىل 4-ئايغىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسىنىڭ ماسسىسى تەخمىنەن 695 مىليارد توننا ئېشىپ، يېقىنقى 20 يىلدىكى ئېغىرلىق كۈچى سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش مەزگىلىدىكى ئەڭ چوڭ ماسسا ئېشىش نىسبىتى يارىتىلغان.
تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ئىسسىق بەلباغ دېڭىز-ئوكيانلىرىنىڭ ئاتموسفېرانى قوزغىتىش جەريانى سۇ پارلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولىنى ئۆزگەرتكەن ھەمدە جەنۇبىي قۇتۇپتا قار يېغىشنى كۈچەيتكەن. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى توردا خەلقئارا ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە ئېلان قىلىندى.
جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسى يەر شارى دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ئېنىقسىز مەنبەلەرنىڭ بىرى. 2003-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا تەخمىنەن 140 مىليارد 500 مىليون توننا ئازايغان. لېكىن، 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، شەرقىي جەنۇبىي قۇتۇپتا ئۇدا قاتتىق قار يېغىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قار غەربىي جەنۇبىي قۇتۇپتا داۋاملىشىۋاتقان قىسمەن مۇز مىقدارى ئازىيىش زىيىنىنى تۈگەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ