شاھزادە خاررىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئەنگلىيەگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

2026.08.21 14:01 مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررى بىلەن ئايالى مېيگېن مۇشۇ ئايدا ئەنگلىيەگە قايتىشنى پىلانلىغان، لېكىن ئىككىيلەن خان جەمەتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدىكەن. خاررى يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاررى بىلەن مېيگېننىڭ ئىككى بالىسى ئەنگلىيەدە مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، 9-ئايدا مەكتەپكە كىرىدىكەن، بىر ئائىلە كىشىلىرى لوندون شەھەر سىرتىدىكى شەخسىي تۇرالغۇدا تۇرۇشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ