
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قوغدالدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نىزامدا پۈتۈن زەنجىرلىك سۈپەت نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يادرولۇق تۈزۈمى بەرپا قىلىنىپ، تېرىش ۋە يىغىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، سورتنى تاللاپ ئىشلىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش ئۆتكىلىنى، يىغىۋېلىش ۋاقتىغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئېتىز-ئېرىقلارنى تازىلاش ۋە مەشغۇلات شارائىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈش، باھا بېكىتىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ تەركىبى كۆرسەتكۈچىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىكەن. 2025-يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 165 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %92.8 ىنى ئىگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ