4-، 6- دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نومۇر تەكشۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلدى

2026.08.21 14:05 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ-ئىمتىھان مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2026-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى (CET) نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ 2026-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى (دۈشەنبە) ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:

جۇڭگو مائارىپ-ئىمتىھان تورى

جۇڭگو مائارىپ-ئىمتىھان تورى ۋىيشىن ئەپچىقى

جۇڭگو مائارىپ-ئىمتىھان تورى جىفۇباۋ ئەپچىقى

جۇڭگو مائارىپ-ئىمتىھان تورى بەيدۇ ئەپچىقى

8-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 9 دىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جۇڭگو مائارىپ- ئىمتىھان تورىغا چىقىپ، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق نەتىجە دوكلاتىنى ھەقسىز تەكشۈرسە ۋە چۈشۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ