خېڭدا گۇرۇھى، خېڭدا يەر-مۈلۈك شىركىتى، شۈ جيايىن قاتارلىقلارغا ئالاقىدار دېلوغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى

2026.08.21 14:04 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئورۇن خېڭدا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جاۋابكار ئورۇن خېڭدا يەر-مۈلۈك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جاۋابكار شۈ جيايىن دېلوسىغا 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. خېڭدا گۇرۇھىغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىپ، 8 مىليارد 820 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى؛ خېڭدا يەر-مۈلۈك شىركىتىگە 7 مىليارد يۈەن جەرىمانە قويدى؛ شۈ جيايىنغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلدى؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى داۋاملىق قايتۇرۇۋالىدۇ، يەتمىگەن قىسمىنى قايتۇرۇشقا، تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ