
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: 2026-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، قىرغىزىستان، ۋىيېتنام پۇقرالىرى 240 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى ۋە خەينەندىن 30 كۈن ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىنى تەتبىقلاپ جۇڭگوغا كەلسە بولىدۇ، 240 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغان دۆلەت 57 گە كۆپەيدى، خەينەندىن 30 كۈن ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغان دۆلەت 61 گە كۆپەيدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ