جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

جاڭ لۇغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، ۋۇ فېي، جاڭ خۇڭجاڭغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2026 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى)

2026.08.21 14:00 مەنبە: خەلق تورى

2025 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، شېنجوۋ 21 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جاڭ لۇ، ۋۇ فېي، جاڭ خۇڭجاڭ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئوربىتىدا يەتتە ئاي تۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش، رېمونت قىلىش بويىچە 110دىن كۆپرەك تۈردىكى ۋەزىپىنى تاماملاپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 2026 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 21 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى 6 ـ قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، شېنجوۋ ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشى ئەڭ تېز بولۇش رېكورتىنى ياراتتى، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەككە ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوربىتىدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولۇش رېكورتىنى يېڭىلىدى، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللەت ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجوۋ 21 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر ـ جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش جاڭ لۇ، ۋۇ فېي، جاڭ خۇڭجاڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو ئىرادىسى، جۇڭگو شىجائىتى ۋە جۇڭگو ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. يولداش جاڭ لۇ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى ھەم كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەمئىي يەتتە قېتىم بۆلۈمچە سىرتىدا ھەرىكەت قىلىپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلۈمچىدىن يالغۇز چىقىپ ھەرىكەت قىلىش قېتىم سانىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. يولداش ۋۇ فېي قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلىدى، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ئۈچ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئەڭ ياش ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرى بولۇپ قالدى. يولداش جاڭ خۇڭجاڭ ئەستايىدىل، سالماق، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرەپلىك ھالدا شېنجوۋ 21 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، بوشلۇقتا ئەمەلىي قوللىنىشقا يۈزلەنگەن بىر قاتار تەجرىبىلەرنى قالتىس ئورۇندىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش جاڭ لۇغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش ۋۇ فېي، جاڭ خۇڭجاڭغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش جاڭ لۇ، ۋۇ فېي، جاڭ خۇڭجاڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگە ۋە نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ