دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى

HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمىسە مەكتەپكە كىرىشكە تەسىر يەتمەيدۇ

2026.08.20 15:22 مەنبە: خەلق تورى

HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمىسە مەكتەپكە كىرىشكە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق بىلدۈردى: HPV ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش مەكتەپكە كىرىش ئۆلچىمى ئەمەس، ئەملىتىش-ئەملەتمەسلىك بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2025-يىل 11-ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز HPV ۋاكسىنىسىنى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى، 13 ياشلىق قىزلار نىشانلىق كىشىلەر توپى قىلىنىپ، HPV دىن يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى، ۋاكسىنا ئارقىلىق قوغداش ئۈنۈمى، تەننەرخ ئۈنۈمى ۋە يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر قانۇن بويىچە ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. HPV ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، يېشى ماس كېلىدىغان قىزلار ۋاكسىنا ئەملىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىرى يېشى ماس كېلىدىغان قىزلارنىڭ ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ