
يېقىندا، جېجياڭنىڭ جياشىڭ شەھىرىدىكى بىر سودا بىناسىنىڭ يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىدا بىر پىكاپقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئوت ئۆچۈرۈلگەن لېكىن ئاپتوموبىل ئىچى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنى ئىگىسى ئەمدىلا سېتىلۋالغىلى 20 كۈن بولغان يېڭى ئاپتوموبىل ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى توكداننى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويغان، خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، تۇيۇقسىز خىزمەتدىشىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىلىغا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال خىزمەتدىشى بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ دەل ئاپتوموبىل ئىچىدە قېلىپ قالغان توكدان سەۋەبلىك بولغانلىقىنى، توكداننىڭ زىيادە قىزىپ كەتكەنلىكتىن ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ، ئەتراپتىكى يېنىشچان ماددىلارغا تۇتىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كابىنكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىقلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ