چېگرا ھالقىغان ئادەم ئېلىپ سېتىش گۇرۇھىدىكى 17 جىنايەت گۇماندارى ئەيىبلەندى

2026.08.20 15:20 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2-شۆبە مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىرمىنىڭ مياۋۋادى رايونىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئادەم سېتىشنى مەقسەت قىلىپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئىشلەشنى يەمچۈك قىلىپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پۇقرا ۋاڭ X X قاتارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى چېگرا سىرتىغا ئالداپ ئېلىپ چىقىپ، قوراللىق خادىملارغا تايىنىپ بىرمىنىڭ مياۋۋادى رايونىغا مەجبۇرىي يالاپ ئېلىپ بارغان ھەمدە نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى بۇلىغان، ئۇرغان، قانۇنسىز قاماپ قويغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە بىرمىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىق باغچە رايونىغا تېلېگراف ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا سېتىپ بەرگەن چېگرا ھالقىغان ئادەم ئېلىپ-سېتىش گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ موجۈن، جاڭ موفېي، ۋۇ مولۇڭ قاتارلىق 17 كىشى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى، قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىپ شاڭخەي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ