
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 360 مىليون يۈەن سېلىنمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، توقسۇن ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا-كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، شۇ جايلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەر مىللەت ئاممسىىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.
بۇ قېتىم قوللاشقا ئېرىشكەن ئالتە ناھىيە، شەھەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنى قاپلىغان بولۇپ، تۈرلەر يېزا يولى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ دەل جايىدا كۈچ چىقاردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولغان، نۆۋەتتە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل كەنتتىن جەمئىي 870 نى قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ بويىچە يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان. قۇرۇلغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل كەنتلەردە پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش يۇندىسىنى تۈزەش نىسبىتى بىردەك %90 تىن ئېشىپ، كەننىڭ ئوتتۇرىچە كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ