دۆلىتىمىزدە كەسىپي ۋىراچ 5 مىليون 290 مىڭغا يەتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى

2026.08.19 14:46 مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 9-قېتىملىق جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە تېببىي خىزمەتچىلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كەسىپي ۋىراچ 5 مىليون 290 مىڭغا يېتىپ، «14-بەش يىل»لىق سەھىيە-ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان. ۋىراچلار قوشۇنىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى، ئالىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر 2012-يىلىدىكىدىن بىردەك ئۆسكەن. 2025-يىلى، دۆلىتىمىز داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا دىياگنوز قويۇپ داۋالانغانلارنىڭ ئومۇمىي ئادەم قېتىم سانى 10 مىليارد 600 مىليوندىن ئېشىپ، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك ۋە نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ