
مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭدا «ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئائىلە، دۆلەت ئارزۇسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى مىللەتلەر رايونىدىكى ئائىلىلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ يىل "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» بىلەن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى" رەسمىي يولغا قويۇلغان يىل. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر رايونىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئىشلىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. پائالىيەتتە، ھەر مىللەت ئائىلە ۋەكىللىرى قول تۇتۇشۇپ سەھنىگە چىقىپ، مول مەزمۇنلۇق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ