
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە "شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللە ئىش ئورۇنلىرىغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى تۈرلۈك يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ـ يېزا ئاساسىي قاتلام ئىش ئورۇنلىرىنى يىغىپ ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىدىكى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىپ، تور سىرتىدا قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق تەربىيەلەش بايلىقلىرىغا تايىنىپ، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنىڭ جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنى باھالاشقا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ