بۈگۈن ۋېيشىن قىزىل بولاق سوممىسىنىڭ چېكى 520 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2026.08.19 14:45 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈن چىشى كۈنى ، ۋېيشىن قائىدە بويىچە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كۈندە شەخسلەرنىڭ قىزىل بولاق چېكىنى ۋاقىتلىق ئۆستۈردى. شۇ كۈنى شەخسلەنىڭ يەككە قېتىملىق قىزىل بولاق يۇقىرى چېكى ئادەتتىكى 200 يۈەندىن 520 يۈەنگە تەڭشەلدى، پەقەت شۇ كۈنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ھازىر، ئالاقىدار سومما چىكىنى تەڭشەش كۈچكە ئىگە بولدى.

ۋېيشىن پەقەت 2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، چىشى كۈنىدىن ئىبارەت ئۈچ كۈندە شەخسلەرنىڭ قىزىل بولاق سومما چېكىنى ۋاقىتلىق ئۆستۈرىدۇ. سومما چېكى شۇ كۈنى سائەت 00:00 دىن 23:59 غىچە قوللىنىلىدۇ، كېيىنكى كۈنى ئاپتوماتىك 200 يۈەن قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. توپ قىزىل بولىقىنىڭ سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنىلا 200 يۈەن بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، «520»، «1314» قاتارلىق ئالاھىدە مەنىگە ئىگە قىزىل بولاقلار ئادەتتە ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن قايتۇرۇۋالماق تەس. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى مال-مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر. مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدىكى كۈندىلىك ئىستېمال، شۇنداقلا كۆپ قېتىم، تارقاق پۇل يۆتكەش، قىزىل بولاق قاتارلىقلار ئادەتتە ھەدىيە دەپ بېكىتىلىدۇ، مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ