
"1+1" كاتتا مەرىكىسى، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلىنىدۇ! شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشى ئىكەن. مۇسابىقە 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىلى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاخىرلىشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ