دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا مەركەزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپەيتىپ يۆتكىدى

2026.08.18 15:19 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا مەركەزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپەيتىپ يۆتكەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قوللىدى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 55 قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ پومپىسى، 37 گېنېراتور، 100 سۇ ساقلاش باكى قاتارلىق مەركەزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپەيتىپ يۆتكەپ، شىنجاڭنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ