يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، "ئوخشاش كېسەلگە ئوخشاش ھەق تۆلەش" بويىچە 158 ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرى تۇنجى قېتىم تاللاندى

2026.08.18 15:17 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پات ئارىدا بېسىپ تارقىتىلىدىغان كېسەللىك تۈرىگە ئاساسەن ھەق تۆلەش 3.0 نۇسخىسىدىكى گۇرۇپپىغا ئايرىش لايىھەسىدە بىر تۈرلۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن: دۆلەت قاتلىمىدىن 158 ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرى تاللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مېخانىزمى "ئوخشاش كېسەلگە ئوخشاش ھەق تۆلەش": يەنى بىر بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان رايون ئىچىدە، ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئوخشاش چىقىم ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 2-دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغان، ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھەمدە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋە قىسمەن سوزۇلما كېسەللىك تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرىنىڭ يادرولۇق مېخانىزمى "ئوخشاش كېسەلگە ئوخشاش ھەق تۆلەش": يەنى بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان بىر رايون ئىچىدە، ئاساسىي قاتلام كېسەللىك تۈرىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئوخشاش چىقىم ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ