
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى 39 مىليون 995 مىڭ 770 يۈەنلىك مەبلەغنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسىنى ئىزدەش توغرىسىدا بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇقتۇرۇش مۇددىتى ئالتە ئاي (2026-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2027-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە).
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: "يۇقىرىقى مەبلەغنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ئېلان مۇددىتى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكى، ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، سىچۈەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىقتىسادىي جىنايەت رازۋېدكا تارماق ئەترىتىگە بېرىپ تونۇپ ئېلىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئېلان مۇددىتى توشسىمۇ يەنىلا تونۇپ ئېلىۋالغۇچى چىقمىسا ياكى قانۇنلۇق ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولمىسا، يۇقىرىقى مەبلەغ ۋە تۇغۇندىسى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ."
مۇخبىر باجۇڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىقتىسادىي جىنايەت رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى، خەلق ساقچىلىرى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلان قىلىنغان ھېسابات دېلوغا چېتىشلىق ھېسابات بولۇپ، 39 مىليون 995 مىڭ 770 يۈەن دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ، نۆۋەتتە مەبلەغنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسىنى ئىزدەۋاتىمىز.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ