دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ! ئەڭ يېڭى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى

2026.08.18 15:15 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان «2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى (جۈمە) دىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە بولىدۇ

جەمئىي 3 كۈن، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ!

كىچىككىنە ئەسكەرتىش: جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت ئىككى دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئارىلىقىدا پەقەت ئۈچ خىزمەت كۈنىلا بار

ئەگەر بۇ ئۈچ كۈندە رۇخسەت سورىسىڭىز، جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمىنى ئۇلاپ،

9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان 13 كۈنلۈك ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق دەم ئېلىشنى قۇراشتۇرۇپ چىقالايسىز

قاتتىق تەقەززا بولۇۋاتامسىز؟

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ