ھاڭنى تولدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش (باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر. ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن سادا)

2026.08.18 15:04 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ليۇ لىڭلىڭ

2026-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2026-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقىلنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى:«خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە يېڭى تارىخىي ئادالەتسىزلىك كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.»

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، «دۇڭفاڭ خۇييەن يۇقىرى نۇر سىپېكتىرى AI قوش سۈنئىي ھەمراھى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، بۇ، ئۆزبېكىستان بىلەن ھىندونېزىيەنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ. يېقىندا، «مازۇ» فېڭيۈن سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سۈنئىي ئەقىل قورال-سايمان ساندۇقى كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتتە قوللىنىلىۋاتقان «مازۇ» يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلانماقتا. بۇ، جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2025-يىللىق دۇنياۋى ئاقىل كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى:«سۈنئىي ئەقىل پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىدارە قىلىش قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل كەسىپلەرنىڭ ساغلام جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدار نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، سۈنئىي ئەقىلنى ئورتاق گۈللىنىش، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگونى سىجىل تۈردە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىدى.

ۋاقىتنى 2018-يىلىغا قايتۇرساق، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ.»

ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ «خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە يېڭى تارىخىي ئادالەتسىزلىك كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سۈنئىي ئەقىلنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى قوشتى.

ۋەدە ئاۋازلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىزلىق بولىدۇ. 2023-يىلى «دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى»نى باشلامچىلىق بىلەن ئېلان قىلىپ، 2025-يىلى «سۈنئىي ئەقىل+» خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانى ئۈزلۈكسىز جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. يېقىندا، دۇنيا سۈنئىي ئەقىل ھەمكارلىق تەشكىلاتى شاڭخەيدە قۇرۇلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ساداسىغا ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشتىكى زور تەدبىرى.

پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق. بىرازىلىيەدە، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى؛ مالايسىيادا، كىچىك مودېل ھېسابلاش ئۇسۇلى كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئاقىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى... جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى كۆپ مەنبەلىك مۇھىتتا قوللىنىلىپ، دۇنيا بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىكتىن ئورتاق بەھرىلەندى.

باشقىلارغا بېلىق بېرىش بىلەن بىرگە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتتى. يېقىندا، جۇڭگو ياردەم بەرگەن تۇنىس ئالىي مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات مىنىستىرلىقى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر مەركىزى تۈرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، تۇنىس دۆلىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشتى، تۇنىس بۇنىڭغا «تۇنىس دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىگە سېلىنغان مەبلەغ» دەپ باھا بەردى.

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشتىن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن «جۇڭگو-ئافرىقا رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھىلىق پىلانى»نى ئورتاق تۈزۈپ يولغا قويۇشقىچە، يەنە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشقىچە... جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، ئىدارە قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بەردى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدار قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قارارىنىڭ ماقۇللىنىشى، «سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پىلانى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەم يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسىدا، جۇڭگو «رەقەملىك جەنۇب» ماركىسىنى يارىتىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك دەۋردىكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە كۈچ قوشتى.

دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ قوللاش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى:«كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش-تەربىيەلەش بويىچە 5000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ، خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدۇ؛ مېتېئورولوگىيە بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى ‹مازۇ›نىڭ 30 دۆلەتتە ئەمەلىيلىشىپ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.» جۇڭگو داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش ئارقىلىق، «ئەقلىي ئىقتىدار نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈش» ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ.

كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭمانەي مۇنداق دېدى:«جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىجابىي تەشەببۇسنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە زور پايدىسى بار.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەقەم ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ئىشخانىسى تۈرىنىڭ مۇدىرى مەھدى سنان مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا بولغان تونۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ.»

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىگەندە، ئىختىساسلىقلار، بىلىم، تېخنىكا يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكىلىدۇ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەمەلىي بولىدۇ. جۇڭگو ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا تۈرتكە بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىلنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ