
2026-يىللىق رۇەنكې دۇنيا داشۆلەر ئىلىم-پەن رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىردى
8-ئاينىڭ 15-كۈنى، 2026-يىللىق رۇەنكې دۇنيا داشۆلەر ئىلىم-پەن رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن شىنجاڭ داشۆ، شىخەنزە داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆدىن ئىبارەت ئۈچ ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىردى.
بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ داشۆ دۇنيا بويىچە 601-700 ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ شىخەنزە داشۆ دۇنيا بويىچە 801-900 ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا رەت-تەرتىپى بىر دەرىجە ئۆرلەپ، ئىلىم-پەن قاتلىمىدىكى ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى؛ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ تېببىي داشۆ بۇ يىل تۇنجى قېتىم تىزىملىككە كىرىپ، دۇنيا بويىچە 901-1000 ئورۇندا تۇردى. ئۈچ ئالىي مەكتەپ جۇڭگو شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ خەلقئارا ئىلىم سەھنىسىدە ئۆز سالاپىتىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ