
ئۈرۈمچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار بولدى، تۈر ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغاندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى
بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە مەيلى ھېسابلاش ئىقتىدارى مەركىزى، دوختۇرخانا، چوڭ تىپتىكى مەيدان-ساراي ياكى زاۋۇت بولسۇن، ئېھتىياجلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى شۇ جايدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.
يېقىندا، خۇايى يېڭى ئېنېرگىيە باش ئىشتاب بازىسى ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئىش باشلاپ ئۇل سالدى. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆپ خىل تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سوۋۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ