

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، 10-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئالتە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) قاتارلىق تۆت تەرەققىيات رايونى ۋە شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق بەش دۆلەت كارخانىسىغا قارىتا كۆزىتىش بويىچە "قايتا تەكشۈرۈش"نى قانات يايدۇرىدۇ.
كۆزىتىلىدىغان تەرەققىيات رايونلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزىتىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش بويىچە "قايتا تەكشۈرۈش" خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: كۆزىتىش بويىچە "قايتا تەكشۈرۈش"نىڭ ماھىيىتى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانى، سىياسىي يۆنىلىشى، سىياسىي پىرىنسىپى، سىياسىي يولىغا قارىتا قايتا "سالامەتلىك تەكشۈرۈش"، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا قايتا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15-ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگىچە يېتىپ بارسا، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ شۇ يەرگىچە يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ