ئالدىنقى يېرىم يىلدا 34 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالدى

2026.08.17 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيوللىرىغا 144 مىليارد 300 مىليون يۈەن مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، 34 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش تاماملىنىپ، "تۆتتە ياخشى يېزا يولى"نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلانغان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 65 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن؛ 21 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىدا بىخەتەرلىك، ھاياتلىق مۇداپىئە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %42.2 ى تاماملانغان؛ 1574 يېزا تاشيولىدىكى خەتەرلىك كۆۋرۈك ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %52.5 ى تاماملانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ