
8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، باش ئىستانسىنىڭ «مالىيە-ئىقتىساد تەكشۈرۈشى» پىروگراممىسىدا يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۈننەننىڭ كۇنمىڭ، شىشۇاڭبەننا قاتارلىق جايلىرىدىكى قىسمەن ئۆمەككە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش مەھسۇلاتلىرىدا ساياھەت كۈنتەرتىپى مول، يەنە كېلىپ "ساياھەتلا ئاساس قىلىنىدۇ، مال سېتىۋېلىش ۋە ئۆزى پۇل تۆلەش ھالقىسى يوق" دەپ ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، ئىستېمال ماجىراسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. ئەمەلىي ساياھەت لىنىيەسى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ماس كەلمىگەن، يوشۇرۇن مال سېتىۋېلىش، مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش، ۋاقىتلىق باھا قوشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان.
شۇ كۈنى كەچتە، يۈننەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى. پىروگراممىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىگە يۈننەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەرلەرنى ۋەقەگە چېتىشلىق ساياھەت كوپىراتىپى، ساياھەت يېتەكچىسى، مال سېتىۋېلىش سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشكە دەرھال تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتتى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ