خوتەنلىك ئايال كادىر مېھرىبان مەتروزى 30 يېشىدا بەختكە قارشى قۇربان بولدى

2026.08.14 14:36 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى 2026-يىللىق 3-تۈركۈمدىكى "جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى"دىكى شىنجاڭ نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرىنى ئېلان قىلغان، چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىبان مەتروزى تاللانغان.

مېھرىبان مەتروزى (ۋاپات بولدى)، ئايال، ئۇيغۇر، 1995-يىل 9-ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي خىزمىتىگە ۋاقىتلىق رىياسەتچىلىك قىلغان. 2013-يىلى، ئۇ شەھەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئاساسىي قاتلامدا 13 يىل يىلتىز تارتىپ، يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشتى. مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئۇ مەدەنىيەت-ساياھەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەشۋىقات ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، چىرانىڭ خاس مەدەنىيەت-ساياھەت نام كارتىسىنى چېگرا رايوندىن چىقاردى. 2026-يىل 6-ئايدا، تەۋەلىك رايونىدا تۇيۇقسىز قارا يامغۇر ياغدى، ئۇ كېچىلەپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاپ تاغلىق رايونغا بېرىپ، 125 نەپەر ئاممىنى بىخەتەر يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. ئەتىسى خىزمەتكە بېرىش يولىدا قىيانغا ئۇچراپ، بەختكە قارشى 30 يېشىدا قۇربان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ