
مۇخبىرنىڭ گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تايلاند خان جەمەتى ساقچى باش مەھكىمىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەخسۇس جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان ئىناۋەتلىك كارتىنى ئوغرىلىقچە سۈركەش زور دېلوسىغا قارىتا تور يىغىش ھەرىكىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، بىرقانچە جىنايەت ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگولۇق تۆت جىنايەت گۇماندارى ۋە تايلاندلىق بەش جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.
2025-يىلى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسى شاڭخەي گۇڭئەن ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماقلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئىناۋەتلىك كارتىنى ئوغرىلىقچە سۈركەش قىلمىشىنى سادىر قىلغان دۆلەت ھالقىغان جىنايەت شايكىسىنى بايقىغان ھەمدە دېلو ئەھۋالى ۋە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش تەلىپىنى تايلاند ساقچى تەرەپكە ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ