
8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 13تىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى فۇئەن شەھىرىنىڭ گەنتاڭ بازىرىدىكى خۇاخەي كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. نىڭدې تارماق ئەترىتى دەرھال ئوت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش پونكىتى، 32 ئاپتوموبىل، 141 خادىمنى نەق مەيدانغا بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. تەۋەلىك رايوندىكى ئاساسلىق جەڭ قىلغۇچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇئەن شەھىرىنىڭ سانائەت يولى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش پونكىتى دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، يولداش چى كېجيې ئەترەت بىلەن بىللە نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، ئۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوت كەتكەن جاينىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتتى.

سائەت 14تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت كەتكەن پاراخوت تۇيۇقسىز شىددەتلىك پارتلاپ، ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان يولداش چى كېجيې قاتارلىق ئون نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە ئىككى خىزمەتچى خادىم يارىلاندى. نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى دەرھال قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزدى. تېببىي خادىملارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى ئۈنۈم بەرمەي، يولداش چى كېجيې سائەت 18 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە 23 يېشىدا بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ